باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەمگە بېرىش خاتىرىسى - بالىلارغا ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقان قۇياشلار

2018.09.10 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەر يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 5000 ھۆكۈمەت خادىمىنى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى يەسلى مائارىپىغا بىر يىل ياردەمگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار ئورتاق نىشان بىلەن بىرگە ماڭدى ھەمدە تېزلىكتە يېڭى سالاھىيەتكە ماسلىشىش ۋە سالاھىيەتنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى سالاھىيەت بىلەن، يەنى مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئىشقا كىرىشتى.

  ئۇلار تۇنجى بېرىپلا ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدى. يەنى، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىشنى ئاساسىي نۇقتىدىن باشلاپ تۇتتى، يەنى خزمەتنى كىچىك دوستلارنى دىنىي ئىدىيەدىن يىراق قىلىش، ئۇلارغا كىيىم-كېچەكلىرىنى رەتكە سېلىش دېگەندەك ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆگەتتى؛ رەسىم سىزىش ئارقىلىق ۋە ئۈچ خەتلىك دەستۇر ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بىردىنلا ئاز-تولا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ھەر بىر بالىلار باغچىسى ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ھەر بىر بالىلار يەسلىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بىر گەۋدىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر