خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، 2018- يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ سابىق ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافوسا ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئورتاق رەئىس دۆلىتى سىنگالنىڭ زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا تەرەپلەرنىڭ باشلىقلىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. يىغىندا تېخىمۇ زىچ جۇڭگو– ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، «جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ــــ بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى» ماقۇللىنىپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال يەتكۈزۈلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئافرىقا رەھبەرلىرى قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو – ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق – ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق – خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نى نۇقتىلىق ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت – مەنپەئەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئافرىقا بىلەن بىللە، جۇڭگو – ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر، مۇستەھكەم، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى. خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئافرىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئافرىقىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئافرىقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئافرىقا رەھبەرلىرى بارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق سادا چىقاردى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئېچىپ، جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋر ئابىدىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ بايرىقىغا ئايلاندى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو – ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تارىخىي مۇساپە ئاچتى. بىز جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئورتاق ھالدا پۇختا، كۈچلۈك قىلىپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو – ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى