باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەندە ھەربىي پارات يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى

2018.09.10 16:35   مەنبە: خەلق تورى

چاۋشيەندە ھەربىي پارات يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەندى

  9-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن پيۇڭياڭدا كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى زىننەت ماشىنا كۆرىكى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قىزغىن تەبرىكلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن 9-سېنتەبىر پيۇڭياڭدا كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى زىننەت ماشىنا كۆرىكى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدىدى.

  كىم ئېرسىن مەيدانى يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، ھەممە يەرگە لوزۇنكا ئېسىلىپ، بايراقلار لەپىلدەپ، بايرام مەنزىرىسى نامايان بولدى.

  چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىنى باشلاپ پائالىيەتكە قاتناشتى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز چەت ئەللىك مېھمانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، چەت ئەلدىكى چاۋشيەنلىكلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  پارات مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى جىن يوڭنەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، يولداش كىم جوڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتكۈل خەلق ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇشى ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ۋە يېرىم ئارالنىڭ مۇستەقىل ھالدا بىرلىككە كىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  نامايىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كىم جوڭئۇن مەخسۇس رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېرىپ، كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار ۋە ئاممىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. مەيداندا مۇزىكا چېلىنىپ، كىشىلەر ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…