خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى 4-سېنتەبىر خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئايرىم-ئايرىم 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، «تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ھەم «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)» ماقۇللاندى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ بىلەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا ۋە مۇنبەرنىڭ باشقا 53 ئافرىقىلىق ئەزا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى. شى جىنپىڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر نۇقتىلىق قىلىپ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى كۈندىن بۇيان، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى «ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىقنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مېلودىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 18 يىل، بولۇپمۇ 2015- يىلىدىكى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيانقى جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تېز تەرەققىياتلار بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاراپ چىقىلدى، مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇم. بىز مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان، بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، مەدەنىيەتنى بىرلىكتە گۈللەندۈرىدىغان، بىخەتەرلىكنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان، ئىناق بىللە تۇرىدىغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقىنىڭ ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى بېيىتىشنى بىردەك قارار قىلدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە ھۆججىتىنى بىرلىكتە ماقۇللاپ، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردۇق. «تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى زور مەسىلىلەرگە بولغان ئورتاق تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىپادىلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىش، خىرىسنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)»دە، كەلگۈسى ئۈچ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى پىلانلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشتىكى يېڭى لايىھەسى سىزىپ چىقىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى