بۇ 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا تارتىلغان ئىراق يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتىنىڭ تۇنجى يىغىنى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتىنىڭ تۇنجى يىغىنى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى باغدادتا ئېچىلدى. بىرقانچە سىياسىي پارتىيەدىن تەركىب تاپقان ئىككى پارتىيە-گۇرۇھ شۇ كۈنى ئۆزىنى پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە-گۇرۇھ دەپ قاراپ، بىزنىڭ زۇڭلى نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئىچكى كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىمىز بار دېدى. ئەمما ۋاقىتلىق پالاتا باشلىقى بۇنىڭغا قارىتا، ئەڭ چوڭ پارتىيە-گۇرۇھلار فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى