باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئىران-رۇسىيە-تۈركىيە باشلىقلار يىغىنى سۇرىيە مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئېچىلىدۇ، دېدى

2018.09.04 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3- مارت بايانات ئېلان قىلىپ: ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى سۇرىيە مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئېچىلىدۇ، دېدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى قەسەم سۆز قىلىپ: ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى 7- چېسلا ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇشۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۈچ تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.

  باياناتتا يەنە، ئىران داۋاملىق تۈردە سۇرىيەگە ھەربىي ياردىم بىرىدۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىران تەۋەسىدىكى تېررورچىلارنى يوقىتىشقا ھوقۇقلۇق، دېيىلدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 8- ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق 3 دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان شۇ چاغدا يەنە ئايرىم ئۇچرىشىپ، «ئادەتتىكى مەسىلىلەر» ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.

  2017- يىلى 11- ئايدا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تۇنجى قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە باشلىقلار يىغىنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. يەنە بۇ يىل 4- ئايدا، ئۈچ دۆلەت باشلىقلار يىغىنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر