سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ تور مۇرەسسە ئىشخانىسى.
شۇ كۈنى، بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىپ، دېلو قوبۇل قىلدى. بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى بېيجىڭ شەھىرى تەۋەلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشى كېرەك بولغان بىرىنچى ئالاھىدە تىپتىكى ئالاقە تورى دېلولىرىنى يىغىپ باشقۇرىدىغان بولۇپ، قاراپ چىقىش ئۇسۇلىدا «پۈتكۈل جەرياننى توردا ئىلتىماس قىلىش» ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە دېلو قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش، مۇرەسسە قىلىش، دەلىل- ئىسپات ئالماشتۇرۇش، سوت ئېچىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق، قاراپ چىقىش، ھۆكۈم ئېلان قىلىش قاتارلىق دەۋا ھالقىلىرىنى ئومۇمىي مۇساپە بويىچە تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى