خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 5- كۈنى خەلق سارىيىدا كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىم ۋە كونگو جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كونگو جۇمھۇرىيىتىنى «دائىملىق» دوستى دەپ قارايدۇ. بىز يەنە كونگو جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، ئىدىيە ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇھىم قارالمىلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ، كونگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى