باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ مىليونلىغان نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2018.09.07 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، 1 مىليون نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بۇنىڭ ئۈچۈن «لايىھە»دە بەش چوڭ تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش، يۇرتىغا قايتىپ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئەمگەك-مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىش ئورنى يارىتىپ كاپالەتلەندۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش بىلەن تەربىيەلىگەنلىرىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش؛ كارخانىلارغا بەلگىلىك سومما بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىلىرىغا بىر قېتىملىق مەبلەغ مۇكاپاتى تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، يېزىلاردا تازىلىق، ئامانلىق ساقلاش، يول ئاسراش، سۇ باشقۇرۇش، مېيىپلارنى يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. نامرات جايلاردىكى يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە بوش قالغان جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىغا نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن بەلگىلىك مۇددەت ئىش ئورنى ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر