خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ پىيوڭياڭدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى.
لى جەنشۇ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىم جوڭئۇنغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەمدە شەخسەن قول قويغان خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ شەخسەن قول قويغان خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن دۆلەت قۇرغان 70 يىلدىن بۇيان، يولداش كىم ئىرسىن، يولداش كىم جۇڭئېل ۋە يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقى جاسارەت بىلەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، يولداش كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى باشلاپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، دۆلەتنى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئوبدان قوغداش، مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەس سىياسىتىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، يولداش كومىتېت باشلىقى مەن بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم كۆرۈشتى، مۇھىم ئورتاقلىقلارنى ھاسىل قىلدۇق، ھەمدە جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىك پىلانى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوـ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى