باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2018.09.07 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6- چېسلا ئىگىلىشىچە، يېقىندا بىر قىسىم تور قەرز سۇپىلىرى نازارەت قىلىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، «قايتا ئىجارە بېرىش قەرزى» دېگەندەك شەكىللەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا داۋاملىق قەرىز بىرىشكە يۈزلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قەرز پۇل بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇنىڭغا قارىتا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن شۇنى تەلەپ قىلدىكى، كۈزلۈك ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپلەردىكى ناچار تور قەرزىنىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن ئاگاھ بولۇش ۋە مەركەزلىك ھالدا تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە، «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش» شەكلىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھەمدە خەۋپ-خەتەر ئېڭى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش ۋە پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى تەربىيەسى ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈش، شۇ ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار دەرسلەرنى تەسىس قىلىش، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل-بىسات باشقۇرۇش قارىشى ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى قارىشىنى تۇرغۇزۇش، ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ۋە پۇل مۇئامىلە ۋە مالىيە باشقۇرۇش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەندى.

  ئۇختۇرۇشتا يەنە، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. شۇنداقلا يەنە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئىستېمال قارىشىنى يېتىشتۈرۈش، قانۇنىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەكتەپلەردىكى ناچار تور قەرز پۇلىدىن ئاگاھ بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار تور قەرزىنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش، مەكتەپ تور بېكىتى، مەكتەپ رادىيوسى، مىكرو بىلوگ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ۋە ھەر تەرەپلىمە ھالدا، مەكتەپتىكى ناچار تور قەرزگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلان قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتەپ تورىدىكى قەرز كەسپىنىڭ تارقىلىش يولىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپلەردىكى ناچار تور قەرزىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتەر خەۋپىنى تۈگىتىپ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر