باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر ئايدا 40 سائەتتىن ئاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى

2018.09.05 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش توغرىسىدىكى باشقۇرۇش چارىسى (2018- يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ )نى ئېلان قىلدى. «چارە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئويلىشىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلىگەن ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن ئاشماسلىقى، ھەر ئايدا 40 سائەتتىن ئاشماسلىقى كېرەك.

  «چارە»گە ئاساسەن، ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پائالىيىتى چوقۇم ئىلىمى قۇربى يېتىدىغان بولۇش، ئۆز ئىختىيارىي بويىچە ئىلتىماس قىلىش، ئۇچۇردا ئاشكارا بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش ۋە قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا مەكتەپ تەرىپىدىن تەشكىللىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلىگەن ئىش ئورنى مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىسى، پەن - تەتقىقات ياردەمچىسى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ياردەمچىسى ۋە مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىپ تەسىس قىلىنىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلىك، زىيانلىق ۋە خەۋپلىك ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەمگەكلەرگە تەشكىللەشكە بولمايدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەكتەپ ئىچىدىكى مۇقىم ئىش ئورنى ئاي بويىچە ھەق ھېسابلاپ، ھەر ئايدا 40 سائەتلىك ئىش ھەققى پىرىنسىپى بويىچە ۋە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ياكى ئاھالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بويىچە ھەق ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىپ، مۇۋاپىق ھالدا لەيلىمە مائاش بويىچە تەڭشەپ تۇرۇشقا بولىدۇ؛ مەكتەپ ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ئىش ئورنى سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاپ، سائەتلىك ئىش ھەققىنى مەكتەپ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر سائىتىگە 12 يۈەن خەلق پۇلىدىن تۆۋەن بولماسلىق؛ مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ھەق ئۆلچىمىنى مەكتەپ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن قىلماسلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىش كېرەك، ھەمدە تەكلىپ قىلىش كېلىشىمىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر