باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج باش ئىدارىسى: يېڭى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ ئۆز قەرەلىدە يولغا قويۇلۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.09.05 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 3-سېنتەبىر پۈتۈن مەملىكەت باج سىستېمىسىنى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى باج قانۇنىنىڭ ئۆز قەرەلىدە سىلىق، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، باش ئىقتىسادىي مۇپەتتىش ليۇ لىجيەن سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ 31-ئاۋغۇست 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئىمزالىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باج سىستېمىسى بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم خىزمىتى سۈپىتىدە پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھات مۇھىم ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندىشى كېرەك. باج باش ئىدارىسى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئالتە جەھەتتىن، 28 تۈرلۈك ئىسلاھات ئىشى، 37 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىگە تەپسىلىيلەشتۈردى ۋە لۇشيەن خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، جاۋابكارلارنى تۈرمۇ-تۈر ئايدىڭلاشتۇردى. ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىنىڭ 1-قول مەسئۇللىرى ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۇنجى جاۋابكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى تەشكىللىشى، مەسئۇل رەھبەر كونكرېت مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، قول سېلىپ ئىشلىشى، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باج ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، تېخىمۇ ئىنچىكە تەدبىر بىلەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىسلاھات پايدىسىدىن تولۇق بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى ۋە باج ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ «ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىگە تۈرتكە بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر