باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىش، يامان غەرەزدە قوشۇپ سېتىش قاتارلىقلارغا ئەمدى يول قويۇلمايدۇ!

ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى توردا مال سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارنى قوغدايدۇ

2018.09.05 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» (تۆۋەندە «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» دەپ قىسقارتىلىدۇ) 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، 2019-يىلى 9- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال قانۇن بولۇپ، بۇ قانۇندا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى ھەر قايسى تەرەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، توردا مال سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارغا قانۇننىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى ئاچتى.

  تور سودىگەرلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلدى

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، دوستلار چەمبىرىكى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سېتىش ھەرىكىتى ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. تور سودىگەرلىرى، توردا ساتقۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرىگە كىرەمدۇ-يوق؟ شەخسلەر تور دۇكىنى ئېچىشقا شەرت قويۇلامدۇ-يوق؟

  ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا: بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى − ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورىدا تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

  تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى سۇ خاۋپېڭ مۇنداق دېدى: تور سودىگەرلىكى، توردا سېتىش قاتارلىقلار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان دائىرىگە تەۋە، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇن بويىچە بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملىتىشنى بېجىرىشى كېرەك.

  سۇ خاۋپېڭ مۇنداق دېدى: «تور سودىگەرلىكى، توردا سېتىش قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنىڭ تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، توردا مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپلا قالماي، پۈتكۈل ساھەنىڭ قېلىپلىشىپ، ساغلام راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق».

  رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىش، يامان غەرەزدە قوشۇپ سېتىش قاتارلىق ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشلىرىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

  ئىستېمالچىلار توردا مال سېتىۋېلىش جەريانىدا، دائىم دۇچ كېلىدىغان رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلىش، يامان غەرەزدە قوشۇپ سېتىش قاتارلىق ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا، بۇ قېتىمقى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىدا مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى قوشۇپ ساتسا، روشەن ئۇسۇلدا ئىستېمالچىلارنى دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىشى كېرەك، تاۋار قوشۇپ سېتىش ياكى مۇلازىمەتنى سۈكۈتتە قوشۇلغان تاللاش تۈرى قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلاغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر