باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان ئون سۆز

2018.09.04 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، بىر نىيەتتە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى». رەئىس شى جىنپىڭ 3- سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن 2018- يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكىتى، يېڭى تەدبىرىنى جاكارلىدى. ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە يارقىن سۆزلەر كۆپ تەكرارلىنىپ، زور تەسىر قوزغىدى، خەلق تورى كۆپ تەكرارلانغان ئون سۆزنى رەتلەپ چىقتى.

  1. «ھەمكارلىق» سۆزى 61 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «ھەمكارلىق» سۆزى بۇ ئاساسىي مەقسەت سۆزدە 61 قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزگە ئايلىنىپ، بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ روشەن باش تېمىسىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىدا «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىزاھلاپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەمكارلىق جەريانىدا سەمىمىي دوستانە بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىق جەريانىدا ھوقۇق ـ مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مەجبۇرىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىق جەريانىدا خەلق ئۈچۈن تەرەققى قىلىش ۋە ئەمەلىي يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىق جەريانىدا ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، قوبۇل قىلىپ كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ.

  2. «تەرەققىيات» سۆزى 39 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئافرىقىغا تۆت قېتىم بېرىپ، ئىزچىل رەۋىشتە «تەرەققىيات»نى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە ئۆزىنىڭ «ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى چەكسىز، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو-ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ» دېگەن ئويىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  3. «قوللاش» سۆزى 28 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاش، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى جەنۇب كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشنى قوللاش، جەنۇب بىلەن جەنۇبنىڭ ھەمكارلىق كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەشنى قوللاش» دېگەندەك. شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە بۇ «قوللاش» سۆزىنى 28 قېتىم تىلغا ئېلىشى، جۇڭگونىڭ قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى.

  4. «خەلق» سۆزى 20 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى باشتىن-ئاخىر بىر مىليارد 200 مىليون ئافرىقا خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولىدۇ، باشتىن-ئاخىر ئافرىقىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، سۆيىدۇ، قوللايدۇ، "بەشنى قىلماسلىق"تا چىڭ تۇرىدۇ». شى جىنپىڭ سۆزىدە ياڭراق ئاۋازى بىلەن مۇنداق تەكىتلىدى: ھېچقانداق كىشى جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى بۇزالمايدۇ!

  5. «ھەرىكەت» سۆزى 14 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  شى جىنپىڭ سۆزىدە «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى تىلغا ئالغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى: بىرىنچى، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. ئىككىنچى، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. ئۈچىنچى، سودىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. بەشىنچى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. ئالتىنچى، ساغلاملىق-سەھىيە ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. يەتتىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش. سەككىزىنچى، تىنچلىق بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش.

  6. «تىنچلىق» سۆزى 13 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىلا، تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. شى جىنپىڭ قول تۇتۇشۇپ بىخەتەر ۋە ئورتاق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تىنچلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  7. «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» 12 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «تاما تاما كۆل بولۇر». جۇڭگو بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا بولسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن قۇرۇقلۇق، جۇڭگو-ئافرىقا بۇنىڭدىن بۇرۇنلا بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ئافرىقا خەلقى بىلەن بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتنى كۆزلەپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگە بولۇشنى خالايمىز.

  8. «ياشلار» سۆزى 10 قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «ياشلار جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى.» شى جىنپىڭ سۆزىدە ياشلارنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەن ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو-ئافرىقا «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»ى تەشەببۇسىدا نۇرغۇن تەدبىرلەر ياشلارنى كۆزلەش، ياشلارنى يېتىشتۈرۈش، ياشلارنى يۆلەش بولۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلاشقا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

  9. «دەۋر» سۆزى توققۇز قېتىم تىلغا ئېلىندى

  «دەۋر» دېگەن سۆز شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە توققۇز قېتىم تىلغا ئېلىندى. ئۇ سۆزىدە: «بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات بۈگۈنكى دەۋرنىڭ تېمىسى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ سوئالى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىق، دانالىق ۋە جۈرئەت بىلەن، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك»، دېدى.

  10. «يېشىل» سۆزى ئالتە قېتىم تىلغا ئېلىندى

  شى جىنپىڭ سۆزىدە: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىلگەن يول، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم، دېدى. «يېشىل يول»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى، ئۇنىڭدا جۇڭگو ئافرىقا ئۈچۈن 50 يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇدىغانلىقى قارار قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنى جۇڭگو-ئافرىقا مۇھىت ھەمكارلىقى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا «يېشىللىق ئەلچىسى» پىلانى قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقى، ھەمدە جۇڭگو-ئافرىقا بامبۇك مەركىزىنى قۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنىڭ تەشۋىق-تەربىيەسى ھەمكارلىقىنىڭ قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.... دېمەك، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلاشقان «يېشىل يول»نىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر