9- ئاينىڭ 2- كۈنى، كىشىلەر پورتۇگالىيە پايتەختى لىسبوندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك بىلونىس كىتاب يەرمەنكىسىدە كىتاب تاللاپ سېتىۋالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ 3- نۆۋەتلىك بىلونىس كىتاب يەرمەنكىسى شۇ كۈنى ئاياغلاشتى، ھەمدە جەمئىي 20 مىڭ ئاممىنى جەلپ قىلدى. بۇ يىل كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتناشقان 48 نەشرىيات سودىگەرلىرى 78 كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان كىتابلاردا بالىلار كىتابلىرى ۋە مائارىپ تۈرىدىكى كىتابلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەدەبىي كىتابلار، ھەمدە ئىلمىي ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك كىتابلارمۇ بار. پۇقرالارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا ھەقسىز كىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى