باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئانگولادا ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم قازا قىلدى

2018.09.05 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئانگولانىڭ يەرلىك ئەمەلدارى 4- سېنتەبىر: ئانگولانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى نامىبې ئۆلكىسىدە شۇ كۈنى ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 17 ئادەم قازا قىلدى، 12 ئادەم يارىلاندى، دېدى.

  نامىبې ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا: بىر رېمونت پويىزى بىلەن بىر يۈك توشۇش پويىزى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بۇ ئۆلكىنىڭ بىبالا شەھىرىدە ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا باردى، دېدى.

  نامىبې ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، يارىلانغانلار ئىچىدە بەزىلەرنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر