باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2018.09.05 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى مىسىر قاھىرەدە تارتىلغان ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھەر مەركىزىدىكى ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن ئەتراپتا 4-سېنتەبىر پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئەلچىخانا خىزمىتىنى بىر مەھەل توختاتتى.

  نۆۋەتتە، مىسىر ساقچى تەرەپ بۇ رايوننى تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى تاماملىدى، ئەلچىخانا خىزمىتى نورماللاشتى.

  شۇ كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا كەلمەسلىكنى ھەم ئەلچىخانىغا يېقىن يەردە تۇرماسلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  بۇنىڭدىن سىرت رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر ساقچى تەرەپ پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر ئەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر