باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ

2018.09.05 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر كۈزلۈك ئوقۇش باشلاپ بىر مەزگىل ئىچىدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق پۇل-بىساتنى باشقۇرۇش ئېڭى تۇرغۇزۇشىغا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپ تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر قانداق كىشى، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى ئېنىقلاشنى قەرەللىك يولغا قويۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ مەكتەپلەرگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇسۇلىغا يېقىندىن كۆڭۈلدىن بۆلۈپ، مەكتەپ دەرسخانىسى، تەشۋىقات ۋەرەقى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگ، ئۇچۇر يوللاش، تونۇشلار تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشتىن پەخەس بولۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش، كۆزىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قېپقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر