باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئالاھىدە تەكلىپلىك مەمۇرىي تەپتىش خادىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى قارار قىلدى

2018.09.04 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 8- ئاينىڭ 24 - كۈنى « دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى چارىسى»، ئالاھىدە تەكلىپلىك مەمۇرىي تەپتىش خادىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئالاھىدە مۇپەتتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇلغان. بۇ « خىزمەت چارىسى» 24- چېسلادىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، زىچ چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش، ئەستايىدىل يەكۈنلەش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، «خىزمىتى چارىسى»نى تۈزۈپ چىققان. بۇ «خىزمەت چارىسى» دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مەمۇرىي مۇپەتتىش تەكلىپ قىلىش دائىرىسى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش شەرتى، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «خىزمەت چارىسى»دا، تەكلىپلىك مەمۇرىي مۇپەتتىشنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە تاللاپ تەكلىپ قىلىش، قوشۇمچە شەكلى ئارقىلىق نازارەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، تەكلىپلىك مەمۇرىي مۇپەتتىش ئاساسلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە تاللاپ تەكلىپ قىلىنىدۇ، يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى تاللاپ تەكلىپ قىلىنىدۇ، شۇنداقلا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس ئالىملار، ئاخبارات ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ۋەكىللىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدىن تاللاپ تەكلىپ قىلىدۇ. تەكلىپلىك مەمۇرىي مۇپەتتىش دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن نۆۋەت ئالمىشىش ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بېكىتىلدى.

  «خىزمەت چارىسى»دا، تەكلىپلىك مەمۇرىي مۇپەتتىشنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلگەن: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىزمەتلەر ئۈستىدە تەكلىپ بېرىش، مەمۇرىي تەپتىش قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش، ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم سىياسەت، مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەييارلاش، مەمۇرىي تەپتىش تەكلىپى بېرىش قاتارلىق مەسلىھەت پىكىرلىرىنى بېرىدۇ، شۇنداقلا، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس خىزمەت، تەشۋىقات، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەت ۋە ئۈنۈم ئۆستۈرۈش، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ھاۋالە قىلغان باشقا ئىشلارنى بېجىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر