خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- سېنتەبىر ۋلادىۋوستوكتا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھۋالى ۋە جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-رۇسىيە بولسا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقان ھەمراھلار بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى − قول تۇتۇشۇپ تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنى پەسەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى يەرلىككە تايىنىدۇ، يەرلىكتە ئەمەلىيلىشىدۇ، يەرلىككە بەخت يارىتىدۇ. يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى قانچىكى قويۇق بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئاساسى شۇنچە پۇختا بولىدۇ. يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىقى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا.
شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى يەرلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا تۆت تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىكنى ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا سودا مۇھىتى، تېخىمۇ قولايلىق ھەمكارلىق شارائىتى يارىتىش لازىم؛ ئىككىنچى، ھەمكارلىق تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سۇپىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ھازىر بار بولغان تەرەققىيات مېخانىزملىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش لازىم؛ ئۈچىنچى، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەمكارلىقنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ھەمكارلىقنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈستۈنلۈكنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش لازىم؛ تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى خەلق رايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشىنى مېخانىزملاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ياخشى تەسىرات ۋە تونۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى