بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان جىلى بازىرى (23-ئاۋغۇست ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي تەيخۇ كۆلى بويىدىكى 0.58 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەپكەش كوچىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شەھەر رامكىسى 25 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان «جۇڭگو بالىلار كىيىم-كېچەك بازىرى»غىچە، ئەسلىدىكى خاڭجياخۇ تۈزلەڭلىكىدىكى نامى چىققان «نامرات سەھرا»دىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرىچە نوپۇس زىچلىقى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 30 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان «بالىلار كىيىم-كېچەك دۇنياسىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىنىڭ جىلى بازىرى ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك جاسارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا تايىنىپ، قەدىمى بىلەن خەلق رايىنى ئۆلچەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلقنىڭ ساداسىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ «يېنىك چەۋەندازى»دىن شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدىكى «نەمۇنىچى»گە ئايلاندى.
«ھەممە ئائىلىدە كەشتە ماشىنىسى ئاۋازى توختىمايدۇ». جىلىلىقلار ھېچنىمىسى يوق ھالەتتىن پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدىكى بازارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن بالىلار كىيىمچىلىكىنى بەرپا قىلدى، 40 يىلدىن بۇيان تەيخۇ كۆلىدىكى سۇنىڭ مەۋج ئۇرۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ ھەربىر ئاۋازىغا جاھاننى زىل-زىلىگە سالىدىغان غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ ئۇلۇغۋار ئەسلىي كۈچى يوشۇرۇنغان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى