باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سەككىز باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2018.09.11 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11ـ سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-چېسلا خەلق سارىيىدا، جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سەككىز باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  9-ئايدىكى بېيجىڭ، ئالتۇن كۈزدىكى سالقىن ھاۋا. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدىكى پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى. كانايچىلار قارشى ئېلىش كۈيىنى ياڭراتتى، يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. «بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى» ئالدىدا ئەلچىلەر رەت تەرتىپى بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتى سۇندى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر ـ بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ سەككىز باش ئەلچى بولسا: جەنۇبىي سۇداننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇكۇ، سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنگۇس، دومىنىكانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى گاراۋىتو، فىجىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تانگى سانگىنبۇ، چىلىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شمىت، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوتزى، سېررالېئوننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېندو ماھىنا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يوبېي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر