باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار كىيىملىرى چوڭ كەسىپكە تۈرتكە بولماقتا (شەرقتىكى ئۇلۇغۋار دولقۇن، جەسۇرانە يېڭى دەۋر __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز)

__ جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى جىلى بازىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلغانلىق خاتىرىسى (1)

2018.09.11 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھەممە ئائىلىدە كەشتە ماشىنىسى ئاۋازى توختىمايدۇ»، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى جىلى بازىرى توقۇمىچىلىك كەسپى گۈللەنگەنلىكى بىلەن داڭلىق.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ئاران 0.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان «ئەپكەش كوچىسى»دىن باشلانغان جىلى بازىرى بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بالىلار كىيىمى بازىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىدى.

  باش كۈز كۈنلىرىدە خۇجۇغا بېرىپ، جىلى بازىرىنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

  كىشى جىلى بازىرىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى پىششىقلاپ ئىشلەپ سىرتقا يۆتكەش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى كۆرگەندە، ئىختىيارسىزلا بۇ يەرنىڭ «تېز»لىكىگە ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. لايىھەنى بېرىپ زاكاز چۈشۈرسە، شۇ كۈنىلا مال چىقىرىپ، دۇكان پوكىيىدە كۆرگەزمە قىلالايدۇ. زور تۈركۈمدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بۇ يەردە دائىملىق تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى كوچىدا يېڭى پاسونلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ياقتۇرۇپ قالغان ھامان دەرھال مال سالىدۇ، ماللار ئەتىسىلا مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى بازارلارغا تىزىلىدۇ... مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى جىلى بازىرىدىكى بالىلار كىيىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىدۇر.

  ۋاھالەنكى، بالىلار كىيىم-كېچەك كەسپى ئەنئەنىۋى ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى كەسپكە تەۋە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋىزىيىتى مۇقەررەر بولۇپ قالدى.

  2016-يىلىدىن باشلاپ، ۋۇشىڭ رايونى جىلى بازىرىدىكى بالىلار كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ سىرتقا چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپىيىۋاتقان توشۇش، ئادەم كۈچى ۋە باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەر ئۈچۈن تولۇقلىما بەردى. جىلى بازىرى باشقا جايدىكى 13 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ باشقا جايدا سانائەت باغچىسى قۇردى. بۇ پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۈەنچېڭ، ئەنچىڭ، جياڭسۇنىڭ سۇچيەن قاتارلىق رايونلارغا يۆتكەلدى، بالىلار كىيىملىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى 4000دىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىلى بازىرىغا قەپەسنى بىكارلاپ قۇشنى يېڭىلاش ئۈچۈن قىممەتلىك بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

  قېپقالغانلىرى قەدەممۇ قەدەم يۇقىرى دەرىجىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى. كارخانىلار تېخنىكا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  جىنتوڭۋاڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بىر يۈرۈش ئاپتوماتىك ئېسىش سىستېمىسى كېسىپ بولۇنغان رەختلەرنى كىيىنكى ئىش باسقۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىشچىلار تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، قولىنى سوزۇپلا رەختلەرنى ئېلىپ، تىكىپ تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق يوللاپ بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇكەممەل كىيىم يوللاش سىستېمىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا پەيدا بولىدۇ. «ماشىنا ئارقىلىق ئادەمنى ئالماشتۇرۇش»تەك بالىلار كىيىمى كەسپىنىڭ ئاپتوماتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ قالماي، يەنە ماشىنىدا كەسكەندە ناھايىتى توغرا بولۇپ، مەھسۇلات سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى جىلىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. بازاردىكى 50 نەچچە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كارخانا بۆلەككە بۆلۈش، كېسىش، ئېسىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، جىنتوڭۋاڭ، ماتا قارانچۇق قاتارلىق 13 بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كارخانا 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ماشىنا ئارقىلىق ئادەمنى ئالماشتۇرۇش»نى تاماملىدى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئادەم ئازلاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، لايىھىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپىيىپ، ھازىر نەچچە ئون مىڭغا يەتتى، بۇ 2012-يىلىدىكىنىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر