باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىش كېرەك

2018.09.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، بېيجىڭ شەھىرى بويىچە «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، قانداق قىلغاندا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك جەھەتلەرگە قارىتا كونكرېت يولغا قويۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەكتەپلىرىگە ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە سەپەرۋەر قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە مەخسۇس ۋەزىپىلىك پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنى كەسپىي ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈپ باھالاشقا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتى جەھەتتە ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆز رايونىدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، دۆلەت باشقۇرىدىغان بالىلار باغچىسىدىكى غەيرىي ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش پەرقىنى كىچىكلىتىش قاتارلىق كونكرېت پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە يەنە، بېيجىڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەكتەپلىرىگە مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ تەيىنلەپ ئادەتتىكى مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، پۈتۈن شەھەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەر (مائارىپ گۇرۇھى قاتارلىقلار) ئورتاق يولدا مېڭىپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمى، مۇناسىپ ياردەم پۇلى، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئىش ئورنى پىلانى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يولغا قويۇش، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تېنى ساغلام پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپ مائارىپىنى قوللاش لېكسىيەسى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۇندىن باشقا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۇنۋان باھالاشتا تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىش ئورنى قۇرۇلمىسى نىسبىتى ئىچىدە، ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنىغا قاراپ تەكلىپ قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى مەكتەپ ياكى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بىر يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تارىخىنى ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۇنۋانى ۋە ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر