باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەرىشتىلەر قۇياش نۇرى فوندى شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئاغرىقچان بالىلارغا ياردەم بەردى

2018.09.11 09:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى يېقىندا شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدا، بۇ دوختۇرخانىنىڭ «پەرىشتە قۇياش نۇرى فوندى»نىڭ بېكىتىلگەن دوختۇرخانىسى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتىدە «پەرىشتە سەپىرى — تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى» رەسمىي باشلاندى، قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى لاتارىيە بېلىتى جامائەت پاراۋانلىق فوندى تۈرىدىكى 1 مىليون يۈەندىن پايدىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇغما يۈرەك كېسىلى بار نامرات بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، 50-60 ئائىلىسى نامرات بالىلارنى قۇتقۇزۇش مۆلچەرلەندى، بالىلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالىنىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى مەملىكەت بويىچە «پەرىشتە قۇياش نۇرى فوندى» دوختۇرخانىسىدىن 53نى بېكىتكەن. 2012-يىلىدىن باشلاپ، قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى تەشكىللەپ، « پەرىشتە سەپىرى — ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئارقا-ئارقىدىن چىڭخەي، يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى، ئىچكى مۇڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق رايونلارغا ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇشقا بېرىپ، ھەقسىز تەكشۈردى ۋە داۋالىدى. بۇ يىل «پەرىشتە قۇياش نۇرى فوندى پىلانى» تېخىمۇ كۆپ يىراق، نامرات رايونلارغا بېرىپ، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى پائال يۈرۈشتۈرۈپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نامرات بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالاش ئىقتىسادىي بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر