باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بۈگۈن رۇسىيەگە بېرىپ، شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ

2018.09.11 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىگە بېرىپ، 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ. شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2015-يىلى ئۆزى بىۋاسىتە تەشەببۇس قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. جۇڭگو دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشى، جۇڭگونىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىشقا يەنىمۇ يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ يىراق شەرق ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تارىخىي ۋە رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىدە رۇسىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يەرلىك ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ جانلىق، ئەڭ يادرولۇق رايون. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى پۇرسەت ۋە ئىستىقبال نامايان قىلىندى. ۋلادىۋوستوك شەھەر باشلىقى ۋىتالى ۋېركيانكو يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشى رۇسىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپلا قالماي، بەلكى جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر