باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى چېن چىڭئېن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلمەكتە

2018.09.11 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى چېن چىڭئېن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  چېن چىڭئېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  چېن چىڭئېن، ئەر، خەنزۇ، 1952-يىل 11-ئايدا تۇغۇلغان، يۇرتى خېبېي ئۆلكىسى چېڭئەن ناھىيەسىدىن، ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. 1973-يىلى 11-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1970-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1982-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ خەندەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەنشەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، خەندەن شەھىرى ج خ ئىدارىسى ئالتىنچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك رازۋېدچىكى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە جىنايى ئىشلار ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى، لاڭفاڭ شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن؛ 2006-يىلى 9-ئايدا چىڭخۇاڭداۋ شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2008-يىلى 12-ئايدا چىڭخۇاڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجسى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2011-يىلى 8-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى، چىڭخۇاڭداۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2013-يىلى 1-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن نازىرى بولغان؛ 2013-يىلى 3-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر