باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كىم جوڭئۇن لى جەنشۇ بىلەن قايتا كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2018.09.12 15:10   مەنبە: خەلق تورى

كىم جوڭئۇن لى جەنشۇ بىلەن قايتا كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن نۆۋەتتە چاۋشيەننى زىيارەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن قايتا كۆرۈشتى ھەمدە لى جەنشۇ ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن مەخسۇس ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ۋە كاتتا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈشكەندە، كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم بايرام مەزگىلىدە، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىزنى ئالاھىدە ۋەكىل سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلقىنىڭ مەن ۋە چاۋشيەننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز سىزلەرنى ئەڭ مۇھىم بولغان ئەزىز مېھمىنىمىز سۈپىتىدە ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن كۈتۈۋالىمىز، بىزنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مېھرىمىزنى سىزلەرگە ھېس قىلدۇرۇشنى، شۇنداقلا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنياغا چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يىمىرىلمەس، تارىختىن بۇيان مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆز قولى بىلەن چاۋشيەن- جۇڭگو دوستلۇقىنى ياراتقان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئەگەر بۈگۈنكى مۇشۇنداق دوستانە مەنزىرىنى كۆرەلىگەن بولسا، چوقۇم ئىنتايىن خوشال بولغان بولاتتى. بىز بۇ قېتىمقى زىيارەتنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك