خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى 10-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركىسىزمنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىي پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىشنى خىزمەت نىشانى قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەل سەنئەت، ئەمگەك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشىلاش لازىم.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 34-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بېرى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۈن-تىنسىز ئەجىر تۆكۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىسى، ئۇلار بىلىم تارقىتىش، ئىدىيە، ھەقىقەتنى تارقىتىش، روھ تۇرغۇزۇش، ھاياتلىق ۋە يېڭى ئادەم يارىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي ئورۇنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي نوپۇزدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئورنىدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، زور تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.
لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتەك ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قىلىندى. مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش، تۆھپىسى ھازىرقىلارنىڭ، پايدىسى كېيىنكىلەرنىڭ بولىدىغان ھىممەتلىك قۇرۇلۇش، خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مائارىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، پارتىيەنىڭ چوڭ ئىشى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى