باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئارمىيەمىزدە كانايچىلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ

1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئارمىيەدە مەشغۇلات سىگنالى چېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2018.09.12 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئارمىيەدە كانايچىلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە ئىكەن، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەشغۇلات سىگنالى چېلىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، دائىملىق ئارام ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلىدىكەن. كېلەر يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئارمىيەدە يېڭى كانايچىلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمى قىسىم باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئارمىيەدە كانايچىلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بۇيرۇق ئېڭىنى كۈچەيتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنىڭ مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلىدىكەن.

  ئارمىيەمىز دەسلەپكى قۇرۇلغان مەزگىللەردە، كانايچىلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش غەلىبىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئۇرۇش ھالىتى تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەربىي كاناينىڭ قوماندانلىق ئالاقە ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئىلگىرىكى قوماندانلىق ئالاقىسى ئاساس قىلىنغان ھەربىي كانايچىلىقنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى دەۋر ئۆزگىرىشى، ئىسلاھات ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. بۇ قېتىمقى كانايچىلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ھەربىي كاناينىڭ يېڭى ئىقتىدارى ۋە فۇنكسىيەسىگە قارىتا تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، قىسىمنى باشقۇرۇش ئاساس قىلىنىپ، قوشۇمچە قوماندانلىق ئالاقىسى ۋە ھەربىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى تەڭ يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر