باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يان تېلېفون QQ ئەپ دېتالىدا 100 يۈەنلىك چوڭ سوممىلىق پۇلنى سىكاننېرلىغاندا، ساختا پۇلغا قارشى AR سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بولىدۇ

2018.09.12 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، كۆپچىلىك يان تېلېفوندا QQ ئېچىپ، 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلنى سىكاننېرلىغاندا، ئېكراندا سۇمۇروغ پەرۋاز قىلغان، چاي گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان، D3 نۇسخىدىكى «خەلق» سارىيى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ. بۇ يىل خەلق پۇلى تارقىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ساختا پۇلغا قارشى خىزمەت بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، تېڭشۈن QQ، تېڭشۈن پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى ۋە جۇڭگو پۇل ياساش باش شىركىتى تۈنۈگۈن QQ-AR «خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرى» ھەمتۈرتكىلىك سىنىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يەنە خەلق پۇلى تەشۋىقاتىدا AR تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىر بۇ ئىقتىدارنى سىناپ باققان بولۇپ، يان تېلېفون QQ ئەپ دېتالىنىڭ «سىكاننېرلاش» ئىقتىدارىدا يان تېلېفون كامېراسىنى 100 يۈەنلىك پۇلغا توغرىلىغاندا، بىر سۇمۇروغنىڭ قانات قېقىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلغانلىقى، پۇل ئۈستىدە گاھى يېقىنلاپ، گاھى يىراقلاپ ئۇچۇۋاتقانلىقى، ئارقىدىن يەنە كېپىنەكنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئارا ئۇچۇۋاتقانلىقى جانلىق نامايان بولدى.

  ئارقىدىن، 100 يۈەنلىك چوڭ سوممىلىق پۇل ئۈستىدىكى «تەشمە نەقىش بىخەتەرلىك سىزىقى رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى»، «ئەمالار يېزىقىدا ئېنىق بولغان ئوي-دۆڭلۈك»، «باش ھەرپ نومۇرى قوش رەڭلىك بېسىلغان، ئالدىنقى ئىككى خانىسى تۇتۇق قىزىل رەڭلىك، كەينىدىكىسى قارا رەڭلىك»، «رېزىنكە باسما، قوش باسما رەسىم»، «نۇردا پارقىرايدىغان، نۇردا ئۆزگىرىدىغان سان» قاتارلىق خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى تەرتىپ بويىچە ئېنىق نامايان بولدى. قەغەز پۇلنىڭ كەينى يۈزىدىكى خەلق سارىيىمۇ D3 نەزەردە نامايان قىلىنغان بولۇپ، قەغەز پۇل ئۇسلۇبىدىكى خەلق سارىيىنىڭ يانلىرى ۋە يول چىراغلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر