9-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە چۇگور مەشىق مەيدانىدا «شەرقىي رايون - 2018» ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مانېۋىر قوماندانلىق بۆلۈمى مانېۋىرغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئارمىيەسى قاتناشقان «شەرقىي رايون - 2018» ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرى 11-سېنتەبىر رۇسىيەنىڭ بايقال چېگرا رايونىنىڭ چۇگور مەشىق مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، جۇڭگو-رۇسىيە ئەسكەرلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە بىر مەيدان كۆلىمى مىسلىسىز بولغان ئىستراتېگىيە دەرىجىسىدىكى بىرلەشمە جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى