باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.09.12 16:47   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-سېنتەبىر ۋلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىدىغان يېڭى دەۋرگە كىردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بېيجىڭ ۋە جوھاننسبۇرگتا ئايرىم-ئايرىم مول، ئۈنۈملۈك ئۇچراشتىم. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇنغا تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلانماقتا. ئىككى تەرەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، چوڭ دۆلەتلەر ۋە قوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلىرىنى قوللاش جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنى زۇڭتۇڭ ئەپەندىم ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكۈزگەن، نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، رايون ھەمكارلىقىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئىككى تەرەپ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك ھەمكارلىقىغا نىسبەتەن يېڭى ۋە ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك