باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى

كۆپ قىسىم جايلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.09.26 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن فۇجيەن ئۆلكىسى بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات مەسىلىسى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مائاشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، خېيلوڭجياڭ ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ جايلاردا، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك، ھەمدە ئۆزلىرى كونكرېت تەدبىر چىقىرىشقا بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

  9- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپ سېلىنمىسى ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى خاتىرجەم ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىشى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  1994- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نىڭ 25- ماددىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى يولغا قويۇلغان «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»دىمۇ بۇ ئۆلچەم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەكلىكى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو يېزا مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى لىيۇ شەنخۇينىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كىرىمى مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن پايدىلىق بىر ئىش بولدى. ئۆلچەم بېكىتىلسە ۋە پايدىلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىلسا، ئۇنىڭ جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولى بولىدۇ.

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 31- كۈنى يولغا قويۇلغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئۈنۈم مائاشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر