باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يولۇچى 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى پويىزدا يوقىتىپ قويۇپ يەنە تېپىۋالدى

2018.09.20 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق بىر ئەر، جاپا تارتىپ ئىشلەپ تاپقان 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ پوسكام ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇ پۇللارغا مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى سېتىۋېلىپ، باغ بەرپا قىلىپ تىرىكچىلىك قىلماقچى بولغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پۇلى پويىزدا ئوغرىلانغان. جىددىي پەيتتە، تۆمۈر يول ساقچىلىرى تېزلىكتە دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تېزلا پۇل يۈتتۈرگۈچىنىڭ پويىز ساقلاۋاتقاندا تونۇشۇپ قالغان بىر «يۇرتدىشى»نى قولغا چۈشۈرگەن.

  9-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 12دىن ئاشقاندا، ئىلىدىن خوتەنگە بارىدىغان K9719 قېتىملىق پويىز خوشۇتتىن قاراشەھەرگە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە، پويىز ساقچىسى مېن خاۋ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق 12- ۋاگوندا بىرەيلەننىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش دېلوماتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. دېلو مەلۇم قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىدىكى بىر تاغارغا سېلىپ قويغان 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنىڭ ئوغرىلانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. «ئۇ پۇللار مېنىڭ ئالدىنقى 8 ئايدا يەنتەيدىكى بىر ئاشخانىدا ئىـشلەپ، ئاياپ يەپ، جاپا تارتىپ يىغىش ئارقىلىق قان-تەر بەدىلىمگە كەلگەن پۇلۇم ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ پۇلغا مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى سېتىۋېلىپ، باغ بەرپا قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى، لېكىن بۇ پۇللار يېرىم يولدا يوقاپ كەتتى!»، دەپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى. پۇلىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ كەيپىياتى بەك جىددىيلەشكەن ھالەتتە ئىدى، ئۇ پويىز ساقچىسىغا بۇ 20 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا ئېيتماقتا ئىدى.

  دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پويىز ساقچىسى پۇلىنى يۈتتۈرگۈچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي سوراش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يولۇچىلارنىمۇ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلدى. خەلق ساقچىسىنىڭ ئىگىلىشىچە، دېلو مەلۇم قىلغۇچى شۇ كۈنى سائەت 9 دا تۇرپاندىن K9719 قېتىملىق پويىزغا چىققاندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا ئورنىدىن ھىچ ئايرىلىپ باقمىغان، قولىدا كۆتۈرۈۋالغان تاغار سومكىمۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈش سىزىقىدىن تېخىمۇ ئايرىلىپ باقمىغان، تاكى سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، دېلو مەلۇم قىلغۇچى تاغاردىكى پۇلنى ئالماقچى بولغاندا، ئاندىن پۇلنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، دېلو سادىر قىلىش پۇرسىتى يوق، گۇمانلىق كىشىلەرمۇ پەيدا بولمىغان، نەق پۇل قانداقسىگە غەلىتە ھالدا يوقاپ كەتكەندۇ؟

  «K9719 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ پۇلى يۈتۈپ كېتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق؟» پويىز ساقچىسى يەنە بىر قېتىم دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ پويىزغا چىقىش تەپسىلاتىدىكى ئىزىنى تەھلىل قىلىپ، يول جەريانى ۋە ترانزىت بېكىتىدە بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا چىقىشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى نۇقتىلىق سوراپ تەكشۈردى. ئاخىرىدا، دېلو مەلۇم قىلغۇچى بىلەن سەپەرداش بولغان بىر «يۇرتدىشى» خەلق ساقچىسىنىڭ نەزىرىگە چۈشتى.

  دېلو مەلۇم قىلغۇچى مۇنداق تەسۋىرلىدى، 2- سېنتەبىر ئۇ چىڭداۋ پويىز ئىستانسىسىدا پويىز كۈتۈۋاتقاندا، يان تېلېفونىغا توك قاچىلاش قۇتىسىنى ئارىيەت ئېلىپ تۇرۇش سەۋەبى بىلەن، ئوخشاش پوسكام ناھىيەلىك بىر «يۇرتدىشى» بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئىككىيلەن ھەم بىر يەرلىك، ھەمدە ئوخشاشلا چىڭداۋدا ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقتىن، يەنە كېلىپ ئۇلار بىر ۋاقىتتا، بىر پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتقانلىقتىن، بۇ «تەقدىر»نىڭ ئۇچراشتۇرىشى بىلەن، دېلو مەلۇم قىلغۇچى بۇ «يۇرتدىشى» بىلەن پويىزغا بىللە چىقىپ، بىللە سەپەر قىلغان. 40 نەچچە سائەتلىك سەپەر جەريانىدا، ئىككى ئادەم ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىپ، تەڭ يەپ، تەڭ ئىچىپ، يول بويى پاراڭلىشىپ، مەنزىلى تۇرپانغا يېتىپ كەلگەن. «يۇرتدىشى»نىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئىككەيلەن بىرلىكتە شۇ كۈنى تۇرپاندىن پوسكامغا قاراپ ماڭىدىغان پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغان.

  دېلو مەلۇم قىلغۇچى بىلەن سەپەرداش بولغان «يۇرتدىشى»، پويىز ساقچىسى ئۇنىڭدىن دېلو يىپ ئۇچىنى ئىگىلىگەن ۋاقىتتا، بۇ يۇرتدىشى دەسلەپتە پەقەت ئۇ ئىككىسى پويىزدا تونۇشقان دەپلا ئېيتقان، ئىككەيلەننىڭ ھەمراھ بولۇپ پويىزغا چىقىش كەچۈرمىشى توغرىلىق ئېغىز ئاچمىغان، دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ نەق پۇل ئېلىپ پويىزغا ئولتۇرغانلىقىدەك ئىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ «بىلمەيمەن» دەپ ئېيتقان. ئۇنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى ئېيتقانلىرى بىلەن، يەنى ئۇنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىنى تاغار سومكىدىكى سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سالغانلىقىنى پەقەتلا سەپەرداش «يۇرتدىشى»غا دەپ بەرگەنلىك ئەھۋالى بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرق كېلىپ چىققان.

  پويىز ساقچىسى شۇنىڭ بىلەن دىققىتىنى بۇ «يۇرتداش»قا مەركەزلەشتۈرگەن، ھەمدە ئۇنىڭ يۈك-تاقىلىرى ئىچىدىن 5400 يۈەن نەق پۇل بارلىقىنى بايقىغان. دېلو رازۋېدكا قىلىنىۋاتقان جىددىي پەيتتە، بىر ياش كىشى پويىز ساقچىسىنى تېپىپ، تېپىۋالغان 14600 يۈەن نەق پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق بۇ ياش كىشى بۇ پۇلنى تېپىۋالغان ۋاقتى ۋە ئورۇنىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىگەن. پويىز ساقچىسىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدە، بۇ ياش كىشى شۇ يولۇچىنىڭ زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، بىر يولۇچىنىڭ بۇ پۇللارنى ئۆزىگە ساقلاپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرغانلىقىنى ئېيتقان.

  بۇ پۇل بىلەن دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ پۇلىنىڭ ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، پويىز ساقچىسى بۇ پۇللارنى ساناپ، پۇل ئىگىسىدىكى ATM ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئالغان 5000 يۈەن پۇلنىڭ تالون قەغىزىدىكى ئۇلاشتۇرۇش نومۇرى تالون نومۇرى بىلەن پۇل نومۇرى ئۇيغۇنلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياش يولۇچى بۇ نەق پۇلنى ساقلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ شۇ گۇماندار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. دەلىل-ئىسپات ئالدىدا، بۇ «يۇرتدىشى» باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئوغرىلاش جىنايەت پاكىتىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان: 9– ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 6لەردە، جىنەندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز تۇرپانغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ پۇل ئىگىسىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ 20 مىڭ يۈەننى ئوغرىلاپ ئېلىۋالغان.

  ئوغرى جىنايەت گۇماندارى ئاxx كۆڭلىدە ئىشنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك پۇل يۈتتۈرۈپ قويغۇچىغا تەكلىپ بېرىپ، ئۇنى بىرلىكتە تۇرپاندىن پويىز ئالمىشىپ بىرلىكتە ئۆيگە قايتىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ جىنايەت گۇماندارى پويىز ساقچىسىغا ئىقرار قىلىپ، بۇنداق قىلىشىنىڭ پۇل ئىگىسىنىڭ پۇلىنىڭ ئوغرىلانغان ياكى ئەمەسلىكىنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ناۋادا بايقاپ قېلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلسا، بىرىنچى پەيتتە، پۇلنى جايىغا قويۇپ قويماقچى بولغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە، پۇل ئىگىسى پۇل يۈتكەنلىكىنى بىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا، بۇ يۇرتدىشى ئالدىراپ-تېنەپ 17- ۋاگونغا بېرىپ، نەگە يوشۇرۇشىنى بىلەلمەي قالغان بۇ ھارام پۇلنى ۋاگوننىڭ تۇتىشىدىغان جايىدا تاماكا چېكىپ تۇرغان بىر ياش يىگىتكە تاپشۇرۇپ قويغان، ئالاقىزادىلىك ئىچىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرىۋېلىشنى ئۇنتىمىغان، مۇددىئاسى مەنزىلگە يېتىشتىن بۇرۇن يەنە ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش بولغان. كۈتۈلمىگەندە، گۇماندارنىڭ ئوغرىلىغان پۇلىنى يوشۇرۇش ۋە يۆتكەش پىلانى پويىز ساقچىسىنىڭ غوزەك سويۇپ يىپەك تارتىش كەبى سۈرۈشتە قىلىشى ئاستىدا سۇغا چىلاشقان.

  پۇل ئىگىسى ئۆزى جاپا تارتىپ تاپقان ئۇ پۇللىرىنىڭ يەنە ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ كېلىنگىنىدە، ئىختىيارسىز ھاياجان ئىلكىدە ئاۋازى تىترەپ، مۇنداق دېدى: «تۆمۈريول ساقچىسىنىڭ قىسقىغىنە ئۈچ سائەت ۋاقىت ئىچىدە پۇلۇمنى ماڭا ياردەم قىلىپ تېپىپ كېلەلىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدىم، تېخىمۇ ئويلىمىغىنىم، پۇلۇمنى ئوغرىلىغان ئادەمنىڭ ماڭا ئۈچ تۆت كۈن ھەمسەپەر بولغان ھەمدە مەن بەك ئىشەنگەن «يۇرتدىشىم» بولۇپ چىققانلىقى!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر