باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كۆمۈردىن ئېتىلېن گىلىكول ياساپ چىقىش چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى

2018.09.19 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8- شىسى شىخۇتەن يېڭى ماتېرىيال سانائەت باغچىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بىڭتۈەننىڭ نۇقتىلىق تۈرى -- شىنجاڭ تيەنيې 1- قارارلىق 600 مىڭ توننا سىنتېزلاش گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ياساپ چىقىش تۈرىنىڭ ئىش ئورنىدا، 150 نەچچە يەككە قۇرۇلۇش تەڭ ئېلىپ بېرىلماقتا. نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ %40ى تاماملاندى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، سىنتېزلاش گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ياساپ چىقىش تېخنىكىسى بولسا، كۆمۈردىن پاكىز پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھالقىلىق تېخنىكىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بىرىكمە سىمولا، پىلاستىكىلىق ئاگېنتى، سىنتېتىك تالا ۋە توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىنىدۇ. شىنجاڭ تيەنيې 1- قارارلىق 600 مىڭ توننا سىنتېزلاش گازىدىن ئېتىلېن گىلىكول ياساپ چىقىش تۈرى 2017- يىلى 8- ئايدا ئىش باشلىغان ئىدى، پىلان بويىچە 2019- يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، شۇ چاغدا شىنجاڭ تيەنيې دۆلەت ئىچىدە، كۆمۈردىن ئېتىلېن گىلىكول ياساپ چىقىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر