باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئايتوقىچى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى

2018.09.25 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ «يوگو بەيۋىي» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئۈچ ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 100گە يېقىن كوپىراتىپ ئەزاسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئايتوقاچ، نان زاكازلىرى ئۈچۈن بۇ بىر نەچچە كۈندە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئايتوقاچ، نان، ماتاڭ ئايتوقىچى قاتارلىق شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل ئايتوقاچ بازىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى. لوپنۇرنىڭ نانچىلىق تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، كىچىك ياغ توقاچ، سۈت نان، پىياز قىيمىسى تەملىك نان، گۈلقەنت نان قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر، 28 خىل ئۆزگىچە خاس نان تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە «لوپنۇر كىچىك ياغ توقىچى» بولسا ناھىيەنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ «يوگو بەيۋىي» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى گو مېيخۇانىڭ باشلامچىلىقىدا، بۇلتۇر تەتقىق قىلىپ پىشۇرۇپ چىققان ئايتوقاچلىرى نان بازىرىغا يۈزلەنگەندىن كېيىن، بىردىنلا نام چىقاردى. بۇ توغرىسىدا گو مېيخۇا مۇنداق دېدى: بىز يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ بولغاندا، دەل تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغان بولۇپ، بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن لوپنۇرنىڭ نان ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلىپ، سۈپىتى ياخشىلانغان بەش خىل مېغىزلىق ئايتوقاچنى پىشۇرۇپ چىقتۇق، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن ئاممىنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. لېكىن بۇلتۇر بىزنىڭ تەييارلىقىمىز يېتەرسىز بولغاچقا، مەھسۇلاتىمىز يېتىشمەي قالدى. شۇڭا بۇ يىل بىز ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى بۇلتۇرقىدىن تۆت ھەسسە ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئايتوقاچنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سېتىلىش مىقدارى 800 كىلوگىرام بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ خىل مەھسۇلات تور ئارقىلىق بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى، لوپنۇر ئايتوقىچىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادىل مەمەتتۇرنىڭ «ماتاڭ شاھزادىسى» ماركىلىق ئايتوقىچىنىڭ سېتىلىشىمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر