باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 477 خىزمەتچى خادىم ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىدۇ

2018.09.19 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 477 خىزمەتچى خادىمنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ، بۇ، 132 ئورۇننىڭ 322 خىزمەت ئورنىغا چېتىلىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى يېشى 18 ياشتىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن (يەنى 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغانلار)؛ ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى دۆلەت مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ئوقۇش تارىخى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىش ئورنى جەدۋىلىنى كۆرۈپ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش جەمئىي 132 ئورۇننىڭ 322 ئىش ئورنىغا ئالاقىدار بولۇپ، جەمئىي 477 خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئورۇنلار ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لىك باشقۇرۇش كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، دوختۇرخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىش ئورنى داۋالاش- سەھىيە تۈرى، مائارىپ تۈرى، باشقۇرۇش تۈرى، باشقا كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى، نىزامنامىسى ۋە ئىش ئورنى جەدۋىلىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تورى (http://wlmqhrss.urumqi.gov.cn)غا چىقىپ كۆرسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر