باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىش كېرەك

2018.09.21 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 20ـ سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قېيىن يېرىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ پايدىلىق شارائىتى بارغانسېرى كۆپ بولماقتا، ئىسلاھاتنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسى، تۈزۈم ئاساسى ۋە ئەلرايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تېخىمۇ كۆپ زېھىن ۋە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھالدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئەركىن سودا سىناق رايونىئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»، «سىستېمىدىكى مۇھىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «سىستېمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈش ۋە ماكرولۇق تەڭشەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۈزۈم مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە نەتىجىسىنى باھالاش چارىسىنى ماسلاشتۇرۇپ قۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، مۇلازىمەت كەسپى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر