باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خەۋپسىزلىك سۆھبىتىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى

2018.09.25 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خەۋپسىزلىك سۆھبىتى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى گېرمانىيە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەت ۋە خەلقئارا رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى چېن يېشىڭ بىلەن گېرمانىيە فېدېراتسىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى گەيىسمەن بىرلىكتە سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى تەرەپ بىردەك ھالدا، بۇ بولسا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى مېركېل بىرلىكتە ئېلان قىلغان «جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر؛ ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىگە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ شۇ پۇرسەتتە: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىدى.

  ئىككى تەرەپ شۇ سۆھبەتتە، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك سۆھبىتى رامكىسى ئىچىدە، ئىككى تەرەپ يەنە تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، تور ۋە ئىقتىساد مەسىلىسى، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەت ۋە خەلقئارا رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن، «باراۋەر بولۇپ ئۆزئارا ئىشىنىش، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ، كېلەر قېتىملىق جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خەۋپسىزلىك سۆھبىتىنى 2019ـ يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر