خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن شەھىرىنىڭ مېيجياڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە، 2018- يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئالاھىدە سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يازلىق داۋۇس مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇ يىللار، دەل ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىل. ئەگىر- توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئومۇمىي گەۋدە بويىچە جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇھىتتا مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى روشەن كۆپەيمەكتە، تەتۈر دۇنياۋىلىشىش خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق زورايتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم ئېشىشىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش − ھەر قايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر «تۆتىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قاراتمىلىققا ئىگە.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر يىل بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، ئەركىن سودىنى قوغداش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلىگەن ئىدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى. بىز بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى سانائەت ئىنقىلابى داۋامىدا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىشتا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى بولسا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىنىڭ ئاساسىدۇر، ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. بىر تەرەپلىك مەسلىكى ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ھەمكارلىشىپ تېزلىتىشى لازىم. تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىشىمىز لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى