- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قانۇن-نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
2018.09.19 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قانۇن-نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بسىپ تارقاتتى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما. بۇ يىل 7-ئايدا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قانۇن-نىزاملىرى، قائىدە، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتلىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ روھى، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، جىپسىلاشمىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش ياكى تۈزىتىشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قانۇن-نىزاملىرى، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ قېتىمقى ئېنىقلاشنىڭ دائىرىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن- نىزاملار بولۇپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون تەسىس قىلغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى تۈزگەن قائىدىلەر، شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تۈزگەن قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھى، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتىكى قانۇنلار بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، جىپسىلاشمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان بەلگىلىمىلەر ئېنىقلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنىقلاش خىزمىتىدە «كىم تۈزۈپ چىققان بولسا، شۇ ئېنىقلاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش، بىكار قىلىنىش ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلىپ ئېنىقلايدۇ. نىزام، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر ھۆججەتلىرى بىلەن زىت كېلىپ قالسا ياكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بىلەن بىردەك بولمىسا، بىكار قىلىش لازىم؛ قىسمەن مەزمۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر ھۆججەتلىرى بىلەن زىت كېلىپ قالسا ياكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بىلەن بىردەك بولمىسا، تۈزىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر