باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاممىسى يىغىلىپ يېڭى قوغدىنىش قانۇنىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2018.09.20 16:53   مەنبە: خەلق تورى

ياپونىيە ئاممىسى يىغىلىپ يېڭى قوغدىنىش قانۇنىغا ئېتىراز بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، ياپونىيە شىنزو ئابې ھۆكۈمىتى پارلامېنتتىكى ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى مەجبۇرىي ماقۇللاتقان ئىدى. 19- سېنتەبىر، ياپونىيە ئاممىسى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

  19- سېنتەبىر كەچتە، 5000گە يېقىن ئامما توكيودىكى خىبىيا باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ۋەكىلى تاكاشى كېن سۆز قىلىپ: يېڭى قوغدىنىش قانۇنى ماقۇللانغاندىن بۇيان، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىگە نۇرغۇن تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپىلەر بېرىلدى، ھەرىكەتلەرنىڭ دەرىجىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈرۈلدى، دېدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى دەرھال بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق يۈزلىنىشى بىلەن ئەكسىچە يول تۇتىدىغان قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  شۇ كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر مەيدان يىغىلىشتا، يېڭى قوغدىنىش قانۇنىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ دەۋا قىلىشقا كۈچەۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى كوللېكتىپى «قوغدىنىش قانۇنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش جەمئىيىتى»نىڭ ئورتاق ۋەكىلى، ئادۋوكات خىتومى سۇگىئۇرا سۆز قىلىپ: 2018- يىلى 9- ئايغىچە، ياپونىيە ئاممىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يېڭى قوغدىنىش قانۇنىغا ئالاقىدار 25 پارچە دەۋا خېتى يوللىغان بولۇپ، دەۋاگەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 7500 نەپەرگە يېقىنلاشتى، دېدى. ئۇ يەنە: يېڭى قوغدىنىش قانۇنى خۇددى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى چىرىتىدىغان كۈيە قۇرتقا ئوخشايدۇ. ھۆكۈمەت يېڭى خەۋپسىزلىك قانۇنىنى مەجبۇرى ماقۇللاش بىلەن بىرگە، يەنە ياپونىيەگە ئۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئالاقىدار دەۋالار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  توكيودىن باشقا، ياپونىيە ئاممىسى شۇ كۈنى خوككايدو، نىگاتا ناھىيەسى، ياماگاتا، كاگوشىما ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
    ·دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز …
    ·شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، …
    ·بېيجىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچ…
    ·جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ