9- ئاينىڭ 18- كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەدە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى (ئوڭدا) ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى ۋەزىرى سافادې بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى 18- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە تەرەپ سۇرىيە ئىدلىب رايونىغا ياردەمچى ئەسكەر ئەۋەتمەكچى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى