9- ئاينىڭ 18- كۈنى، كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جيائىن(ئالدىنقى رەت ئوڭدا) چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئىن (ئالدىنقى رەت سولدا) بىلەن پىيوڭياڭدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جيائىن 9- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيۇڭياڭغا يېتىپ باردى. چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئىككى رەھبەر ئۈچ كۈن ئىچىدە بۇ يىلدىن بۇيانقى 3- قېتىملىق ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى