باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بۇ ئالتە خىل بىنورمال ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك

2018.09.19 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپتە بالىلارنى بوزەك قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەچكە، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى «خەتەرلىك سىگنالنى» دەرھال سېزىپ، بالىغا بىخەتەر بولغان مەكتەپ تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ؟ ئامېرىكا «تەرمىلەر ژۇرنىلى» يېقىندا ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىدىغان بالىلاردىكى ئالتە خىل ئۆزگىرىشنى خۇلاسىلەپ چىققان بولۇپ، قېنى ئەمسە بىز بىرلىكتە ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىدىغان بالىلاردىكى ئالتە خىل ئۆزگىرىشنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

  1. بالىلاردا تۇيۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىماسلىق كۆرۈلسە، ئاتا - ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىلاردا تۇيۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىماسلىق ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەكتەپتىن قېچىش يۈز بەرسە، ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ، بالىنىڭ يېقىندا دۇچ كەلگەن نورمالسىز ئەھۋالىدىن شەكىللەنگەن نورمالسىز ئىپادىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  2. بالىلاردا كۆپ ئاغرىپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاتا - ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىلاردىكى باش ئاغرىش ۋە ئاشقازان ئاغرىقى بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان «كېسەللىك ئالامىتى» ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بوزەك قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى لىندگرېن تەكلىپ بېرىپ، بالىلاردا كۆپ ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلار بىلەن ئوبدان سۆزلىشىپ، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تېپىپ، ھەل قىلىشى كېرەك، دېدى.

  3. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ دوستلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىلار دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا ياكى دوستلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا، بەلكىم بۇ بالىنىڭ بوزەك قىلىنغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا مەكتەپتە بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر: بالىلاردا يۇقىرىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرسە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بالىسىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئۇ ئىشنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش تەكلىپىنى بىرىدۇ.

  4. ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ ئۇيقۇسىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن بولسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىلاردىكى ئۇيقۇسىزلىق، سىيىپ قويۇش، قارا بېسىش قاتارلىق ئەھۋاللار بالىنىڭ زورلۇق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى پەيدا بولغان ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ ئۇيقۇسىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن بولسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

  5. بالىلارنىڭ كەيپىياتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاتا - ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىلار مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ دائىم بىئارام بولسا، ھەتتا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللەنسە، ئەسلىدىكى شوخ خاراكتېرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بۇ بەلكىم بالىنىڭ بوزەك قىلىنىشقا ئۇچۇرغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان تەشۋىشلىنىش ئىپادىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەيپىياتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

  6. ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ كىيىمى يىرتىلىپ كەتكەن بولسا ياكى بەدىنىدە يارا پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك

  بالىنىڭ ھېچنېمىدىن-ھېچنېمە يوقلا كىيىملىرى يىرتىلىپ كەتكەن ياكى يارىلىنىپ بەدىنىدە يارا پەيدا بولغان بولسا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ چاغدا، ئائىلە باشلىقلىرى سەۋرچانلىق بىلەن بالىغا نەسىھەت قىلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ، بۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر