باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگولۇق ئۈچ ساياھەتچى شىۋېتسىيەدە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدى

دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز شىۋېتسىيە تەرەپنى جۇڭگو تەرەپنىڭ دىققەت قىلغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە دەۋەت قىلدى

2018.09.18 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگولۇق ئۈچ ساياھەتچىنىڭ يېقىندا شىۋېتسىيەدە شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-سېنتەبىردىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ شىۋېتسىيە تەرەپنى جۇڭگو تەرەپنىڭ دىققەت قىلغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە ھەمدە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- سېنتەبىر سەھەردە، ئىككى ياشانغان كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگولۇق ئۈچ ساياھەتچى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار جۇڭگونىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەلچىخانا ۋە جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شىۋېتسىيە تەرەپكە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، شىۋېتسىيە تەرەپنىڭ ۋەقەنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ يوللۇق دەۋا تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ھەمدە تېزدىن جۇڭگو تەرەپكە خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو تەرەپ شىۋېتسىيە تەرەپنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تاپشۇرۇۋالمىدى، شىۋېتسىيە ساقچى تەرەپ جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرۈشۈپ ئەھۋال ھەققىدە سۆزلىشىش تەلىپىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇ، دىپلوماتىك ئادەت ۋە خەلقئارا ھەممىباپ ئۇسۇلغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز شىۋېتسىيە تەرەپنى جۇڭگو تەرەپنىڭ دىققەت قىلغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە ھەمدە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر