9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كىشىلەر يېقىنقى زامان ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھىرى پائال ئالغا سۈرگەن يېقىنقى زامان ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى مەزگىللىك مەشغۇلات نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلىمىدىكى شېئىر ۋە نەسىرلەرنىڭ تۇنجى بۆلۈملىرى مۇشۇ ئايدا، مائارىپ ۋە سەنئەت توپلىمىنىڭ تۇنجى بۆلۈملىرى بولسا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1840-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان مەزگىلگىچە ساقلانغان جۇڭگو يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلىنىپ، قايتىدىن رەتلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئەدەبىيات، ئىقتىساد، سىياسەت، مائارىپ، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. قۇرۇلۇش 8-10 يىلغىچە داۋاملىشىپ تاماملىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى