باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئېلان قىلدى (يېڭى ئىدىيەنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ھاسىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنىڭ بىرى – شېنجېن قىسمى)

2018.09.17 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغى ياپيېشىللىققا چۆمگەن، تاغ چوققىسىدىكى دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلى تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 2012-يىلى 12- ئاينىڭ 8-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىس ھەيكەل يېنىغا بىر تۈپ تاغ ئەنجۈرىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ چوڭ دەرەخ باراقسانلاپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى تەكشۈرۈشىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى شېنجېنغا بېرىشنى تاللىدى. بۇ بىر قېتىملىق ئەھمىيىتى ناھايىتى زور سىياسىي جاكارنامە بولۇپ، بۇ بىر قېتىملىق تەسىرى چوڭقۇر ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك، بىر قېتىملىق كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئىسلاھات سەپەرۋەرلىكىدۇر. بۇ يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىسلاھاتتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئارىدىن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىلى 40 يىل بولغان پەيتتە بىز شېنجېنغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ يىلىدىكى تەكشۈرۈش ئىزىنى بويلاپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ مەنزىرىلەرنى بىرمۇبىر ئەسلەپ، ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەرنى قايتا نامايان قىلايلى.

  ياڭ يىبياۋ (شۇ چاغدا شېنجېن شەھىرى ليەنخۇاشەن تېغى باغچىسى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى):

  باش شۇجى «ئىشەنچ دەرىخى» تىكتى

  «ئۇنىڭ گۈرجەكنى ئىشلەتكەن قىياپىتى كۈچلۈك ھەم جەسۇر، بەكلا تەبىئىي، ناھايىتى پىششىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ باققانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.» ئۇ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ليەنخۇاشەن تېغىدا تاغ ئەنجۈرى تىككەن كۆرۈنۈشى ياڭ يىبياۋنىڭ ئېنىق ئېسىدە.

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەنبە كۈنى ئىدى، ليەنخۇاشەن باغچىسىدا ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى، لېكىن شۇ كۈنى يول قامال قىلىنمىدى، مەيدانمۇ تازىلانمىدى.

  سائەت توققۇزدىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا، ئىككى مىنبۇس ليەنخۇاشەن تېغى باغرىغا كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن يول بويى پىيادە مېڭىپ، تاغ چوققىسى مەيدانىغا ماڭدى. «باش شۇجى كەلدى!» «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» يول بويىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بەس-بەستە چاۋاك چېلىپ، بەس-بەستە باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يەنە پات-پاتلا كۆپچىلىكنى «قىستىلىپ كەتمەڭلار»، دەپ ئەسكەرتتى. «تاغ چوققىسىغا چىققاندا، باش شۇجى ئالدى بىلەن بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغان كادىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەي، بەلكى ئاممىغا قاراپ ماڭدى ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى، مەيداندىكى ئامما بەك تەسىرلەندى»، دېدى ياڭ يىبياۋ.

  تاغ چوققىسىدىكى مەيداندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىغا گۈل قويدى، ئارقىدىن ئېگىزدىن شېنجېننىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى.

  تاغ ئەنجۈرى دەرىخى لىڭنەننىڭ يەرلىك دەرەخ تۈرى بولۇپ، قۇت ۋە گۈللىنىشكە سىمۋول قىلىنىدۇ. 1992- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ شېنجېندىكى شيەنخۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدا ئۆز قولى بىلەن بىر تۈپ تاغ ئەنجۈرى تىككەن ئىدى.

  «20 يىلدىن كېيىن، باش شۇجى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە يەنە بىر قېتىم تاغ ئەنجۈرى تىكتى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى قارار توغرا، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ توغرا يولدا داۋاملىق مېڭىشىمىز كېرەك. بۇ، دۆلەتنى بېيىتىش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولىدۇر، بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلىشىمىز ھەمدە يېڭى يول ئېچىشىمىز، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.» بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ياڭ يىبياۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر ئابزاس سۆزىنى ھېلىھەم بىر ئېغىز گېپىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي يادلىيالايدۇ.

  ياڭ يىبياۋ: «باش شۇجىنىڭ تىككىنى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ «ئىشەنچ دەرىخى»، «ئۈمىد دەرىخى»دۇر، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر